بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان 7 مەشھۇر شەخس

UyGhur漫画站 UyGhur漫画站

تېمىلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ !!!

 

ئايسېك نىيوتون،(1643-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1727-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋاپات بولغان) كېنەز، ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ باشلىقى، ئەنگىلىيە داڭلىق فىزىكا ئالىمى، قامۇس خاراكتىرىلىك ئالىم. ئۇنىڭ «تەبئىي پەلسەپىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپى»، «نۇر ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى داڭلىق.


2. ئېلزابېت 1، تۇدور سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى، ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيەنىڭ ئايال شاھى، شۇنداقلا نامدىكى فىرانسىيە ئايال شاھى. ئېلزابېت 1 1603-يىلى3-ئاينىڭ 24-كۈنى لىسمەن ئوردىسىدا ۋاپات بولغان، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياتلىق بولمىغان، شۇ سەۋەبلىك «ئىپپەتلىك ئايال شاھ» دەپ ئاتالغان ھەمدە «شانلىق ئايال شاھ»، «دانا ئايال شاھ» دەپ ناملانغان.

3. داۋىنىچ، دۇنياۋى داڭلىق رەسسام، «مونالىزا»، «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا» قاتارلىق رەسىملىرى بىلەن داڭلىق. سىلاۋىسا پېيسى ئىسىملىك كومپىيۇتېر سانلىق مەلۇمات مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داۋىنىچنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» ناملىق رەسىمىدىن سىرلىق شەخىسلەرنىڭ رەسىمىنى بايقىغان. بۇ بايقاش دەرھال دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قاتتىق داۋالغۇش پەيدا قىلغان، نۇرغۇن قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان. «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا» ھەۋەسكارلىرى بۇنىڭدىن بەك خوشال بولغان. ئۇمۇ ھاياتىدا توي قىلىپ باقمىغان.

4. بېتخوۋىن، ئۇنىڭمۇ خوتۇن-باللىرى يوق، ئۇنىڭ مۇھەببىتىمۇ شۇنداق تىراگېدىيەلىك، 1801-يىلى بېتخوۋىن جۇلىتانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. «ئاي نۇرى سوناتاسى» دەل ئۇنىڭ ئۈچۈن يېزىلغان. لېكىن جۇلىتا ئۇنى نامرات گاس كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن. 1806-يىلى ئۇ تېرىسى بىلەن بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدۇ، تېزلا تويغا پۈتۈشىدىغان بولغان، لېكىن تۆت يىلدىن كېيىن تېرىسى يېنىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بېتخوۋىن تېرىسىنىڭ سىڭلىسى جوسفىننى ياخشى كۆرۈپ قالغان، بىر مەزگىل يۈرگەندىن كېيىن جوسفىن باشقا بىرسى بىلەن توي قىلغان، بېتخوۋىن يەنە بىر ئىلزابېت ئىسىملىك بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، «ئەلىزىغا بېغىشلاپ» مۇزىكىسىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن يازغان. لېكىن ئېلزابېت ئاخىرىدا بېتخوۋىننىڭ دوستى بىلەن توي قىلغان.

5. ۋىنسىنىت ۋان گوخ، «ئاپتاپپەرەس» ناملىق رەسىمنىڭ ئىجادچىسى، 1869-يىلى ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆي ئىگىسىنىڭ قىزى يۇجىنىيەگە مۇھەببەت ئىزھار قىلغان، يۇجىنىيە ئۇنىڭغا ئۆچ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، كۆڭلى يېرىم بولغان ۋان گوخ يېقىندا تۇل قالغان نەۋرە ئاچىسىنى ئۇچراتقان، ئۇ تولىمۇ گۈزەل بولۇپ، ئۇنى قوغلىشىشقا باشلىغان. نەۋرە ئاچىسى قوشۇلمايلا قالماي، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ قوشۇلمىغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ پاھىشە بولۇپ باققان كىرىستىئاننا بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان، ئۇلار بىللە تۇرۇشقا باشلىغان، يەنە تېخى تويمۇ قىلماقچى بولغان، لېكىن كىرىمى بەك تۆۋەن بولغاچقا تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەي، ئايرىلىپ كەتكەن.

6. نوبېل، نوبېل ھاياتىدا 355 تۈرلۈك كەشپىياتقا پاتنېت ئالغان، ياۋرو-ئامېرىكا قاتارلىق 5 قىتئەدىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتە 100 دەك زاۋۇت ۋە شىركەت قۇرغان. ھەددى-ھېسابسىز بايلىققا ئىگە بولغان. 1895-يىلى نوبېل ۋەسىيىتىدە بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى (تەخمىنەن 9 مىلىيون 200 مىڭ دوللار) نى فوندقا ئاتىغان، ھەر يىلى چىققان ئۆسۈمنىڭ 5 پىرسەنتىنى نوبېل مۇكاپاتى ئۈچۈن ئاجرىتىپ، مۇكاپاتنى فىزىكا مۇكاپاتى، خېمىيە مۇكاپاتى، تىببى مۇكاپاتى، ئەدەبىيات ۋە تىنىچلىق مۇكاپاتى دەپ 5 كە بۆلگەن. 1969-يىلى شىۋىتسارىيە بانكىسى ئىقتىساد مۇكاپاتىنى قوشقان، بۇ مۇكاپات دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە كاتتا تۆھپە قوشقانلارغا بېرىلىدۇ.

ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۈچ ئايال بولغان، لېكىن ھېچقايسىسى بىلەن توي قىلمىغان.

7. ئاندېرىسون، چۆچەك پىرى ئاندىرىسوننىڭ مۇھەببەت يولىمۇ ئەگرى-توقايلىققا تولغان، ياش ۋاقتىدا ئۇ كەنتىدىكى قىزچاق لىبورنى ياقتۇراتتىكەن، كېيىن مۇئەللىمىنىڭ قىزىنى ياقتۇرۇپ قالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى نامرات دەپ ياراتمىغان، ئاندېرىسون 40 يېشىدا ناخشىچى لىندنى ياقتۇرۇپ قالغان، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئاندېرىسونغا ئىلھام ئەكىلىپ، «بۇلبۇل» ناملىق چۆچەكنى يازغان، لېكىن لىنىد ئۇنى ئىزچىل دوست قاتارىدا كۆرۈپ كەلگەن، ئاندېرىسونمۇ ھاياتىدا پەقەت توي قىلمىغان

تېمىلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلانلارنى چېكىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ، بىزنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت !!  







标签
推荐