ئەمدى بىر ئېكراندا كۆرەلمەيدىغان ھىندىستان چولپانلىرى

UyGhur漫画站 UyGhur漫画站

تېمىلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ !!!

 

ئامىر خان ۋە شاھرۇھ خان

ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامىر خان ۋە شاھرۇھ خان بىر فىلىمدە رول ئېلىپ قالسا ئۇ چاغدا ئۇ فىلىمنىڭ قانچىلىك مۇۋەققىپىيەت قازىندىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايمىز. لېكىن ئامىرخان ئۆزىنىڭ كۈچىكىگە شاھرۇھ خان دەپ ئىسىم قويغانلىقى ئۈچۈن بىز شاھرۇھ خاننىڭ ئۆزىنى ئامىر خاندىن نېرى تۇتقانلىقىدىن ئاغرىنالمايمىز.

ئاشۋارىيا راي باچان ۋە سالمان خان

بۇلار ئىلگىرى بوللىۋودتىكى ئەڭ دىققەت قوزغىغان بىر جۈپلەر ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىدىن كۆپ ئەپسۇسلىنىمىز. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى بەكلا غەۋغانلىق بولغانلىقى ھەم ھازىر ئاشۋارىيا ئاللىقاچان توي قىلىپ، ئانا بولۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ ئىككىسىنى ئېكراندا قايتا كۆرەلمەيمىز.

جون ئابراھام ۋە بىپاشا باسۇ

ئون يىللاپ مۇھەببەتلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا ھەمكارلىشىش ئېھتىماللىقى بار-يوقلۇقى سورالغاندا جون ئابراھام: «بىپاشا باسۇ بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئويلاپمۇ قويمىدىم.» بىپاشا باسۇ بولسا:«جون دېگەن كىمۇ؟ ئۇنى تونۇمايمەن» دېدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلارنى ئېكراندا قايتا كۆرۈش ئۈمىدى پۈتۈنلەي يوققا چىقتى.

كارېننا كاپور خان ۋە شاھىد كاپور

بۇ سابىق بىر جۈپلەر ئېكراندا شۇنچىلىك ماسلاشقان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا چىقىشالماي ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى كىنو مەستانلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئۇلارنى بەلكىم ئاللىقاچان بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتتى دەپ ئويلىغان بولساقمۇ لېكىن ئەمەلىيەت بۇ ئويمىزنىڭ خاتا ئىكەنلكىنى ئىسپاتلىدى. ئەمدى بىز بۇلارنى پەقەت كونا كىنوسىنىڭ DVD سىدە بىللە كۆرەلەيدىغان بولدۇق.

پرىيانكا چوپرا ۋە ئاكشاي كۇمار

ئۇلار ئېكراندىكى ئەڭ ماسلاشقان بىر جۈپلەردىن ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق ئۆسەك خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن ئاكشاينىڭ ئايالى ئاكشاينىڭ پرىيانكا بىلەن كىنو ئىشلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىز يەنە بىر ئېكران بىر جۈپلىرىنى يوقىتىپ قويدۇق.

سالمان خان ۋە شاھرۇھ خان

ئەگەر سىز «بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ»دىكى سالمان خان ۋە شاھرۇھ خاننى قايتا كۆرمەكچى بولسىڭىز يەنە نەچچە ئون يىللاپ ساقلىشىڭىز مۇمكىن. گەرچە بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى بەزىدە ياخشىلىنىپ قالغاندەك قىلسىمۇ لېكىن ھەقىقىي ياخشى بولۇشىغا خېلى ۋاقىت بار.

كارېننا كاپور خان ۋە بىپاشا باسۇ

ئادەتتە قىزلار ئۆز-ئارا كىيىم-كېچەكلىرىنى باھالاپ قويۇشىدۇ. لېكىن بىپاشا بىلەن كارېننا بۇنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈردى. بىپاشا ئاشكارا ھالدا كارېننانىڭ كىيمىنى مەسخىرە قىلغاندىن كېيىن كارېننامۇ بۇنىڭغا قاتتىق جاۋاب قايتۇردى. بۇنچىلىك بولۇشۇپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئىككەيلەنى ئەمدى قايتا ئېكراندا كۆرۈشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمىز.

رانبىر كاپور، شاھىد ۋە سوناكشى سىنخا

رېژىسسورلارغا تەس، ئۇلارنىڭ فىلىمىدە تەڭ رول ئالالمايدىغان ئارتىسلار تىزىملىكىنى يەنە ئۇزاردى. شاھىد كاپور ئاشكارا ھالدا سوناكشى بىلەن كىنو ئىشلىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى سوناكشىنىڭ ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا قېرى كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رانبىر كاپورمۇ سوناكشى بىلەن رول ئېلىشنى رەت قىلغان ۋە بۇنى ئايال باش رولنىڭ قېرى چىراي بولۇشىنى خالىمايمەن دەپ بىلدۈرگەن. بىچارە سوناكشى

تېمىلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلانلارنى چېكىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ، بىزنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت !!  







标签
推荐