لوڭلىچىنىڭ بۇ تۈزۈلمىسى شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق

Uyghur反传联盟 Uyghur反传联盟

ھازىر بەزى ئۈندىدار توپلىرىدامەخسۇس توپ قۇرۇپ مۇشۇ لوڭلىچىنى تەشۋىق قىلۋاتىدۇ،ئالدى بىلەن بۇ شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى

شىركەت جىياڭسۇدا  2008-يىلى بىۋاستە سېتىش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشكەن،بىۋاستە سېتىش رايونى پەقەتلاا ئىككى

بىۋاستە سېتىش رايونى پەقەتلا جىياڭسۇ ۋە يۈننەن

ئەمدى ئۈندىدار توپىدىكى تەشۋىقاتىنى  كۆرۈپ باقايلى


ئالدى بىلەن 3000يۈەن تاپشۇرۇپ ئەزا بولىسىز ئاندىن،ئەزا تەرەققىي قىلدۇرسىڭىز تەۋسىيە مۇكاپاتى،،تىنىچ ھالەتتىكى مۇكاپات،باشقۇرۇش مۇكاپاتى دېگەندەك بىرقاتار مۇكاپاتلار بۇلۇپ بۇ مۇكاپاتلار نەق شاخلىتىپ سېتىشنى مەنئىي قىلىش نىزامىدىكى شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشىدۇر.

بۇ شىركەت نىڭ بىۋاستە سېتىش رايونى شىنجاڭ ئەمەس،يۇقارقى مۇكاپات تۈزۈلمىسى مەيلى قايسى شىركەتنىڭ بولسۇن شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشىغا چېتىشلىق قىلمىشتۇر.

شاخلىتىپ سېتىشنى مەنئىي قىلىش نىزامنامىسى 7-ماددىسى

1تەشكىللكىگۈچى ياكى تىجارەتچى ئەزا قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق،قۇبۇل قىلىنغانلارنىڭ  باشقا كىشىلەرنى  قۇبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ،قۇبۇل قىلىنغانلارنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا دۇمىلاتما ئۇسۇلدا قۇبۇل قىلغان ئەزا سانىغا قاراپ ھەق(ماددىي مۇكاپات  ۋە باشقا ئىقتىسادىي مەنپەئەت،تۆەندىمۇ ئوخشاش)ھىسابلاپ ۋە ھەق بېرىپ قانۇنسىز نەپ ئېلىش؛

(2)تەشكىللىگۈچىلەر ياكى تىجارەتچىلەر ئەزا قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغان ئەزالاردىن ھەق تاپشۇرۇش ياكى تاۋار سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن،شەكلى ئۆزگەرگان ھالدا ھەق تاپشۇشنى تەلەپ قىلىپ،ئۇلارنى ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىپ ياكى باشقا كىشىلەرنى ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئېىگە قىلىپ،قانۇنسىز پايدا ئېلىش؛

(3)تەشكىللىگۈچىلەر ياكى تىجارەتچىلەر ئەزا قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغانلاردىن يەنە باشقا ئەزا قۇبۇل قىلىپ،يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىش ھەمدە تۆۋەندىكىلەرنىڭ سېتىش نەتىجىسىگە قاراپ يۇقارقىدىكىلەرگە ھەق ھىسابلاپ ۋە ھەق بېرىپ،قانۇنسىز پايدا ئېلىش.

说起隆力奇,大家应该都不会陌生,这家成立了30年的老牌本土日化公司,曾经以生产的蛇油膏而风靡大街小巷,还曾经有佟大为等多位明星进行代言,可以说是我国民族日化品牌中的领军品牌之一。然而近几年来,隆力奇却因为涉嫌传销案而重新进入了人们的视线。

2016年10月,隆力奇市场总监张军(化名)因涉嫌组织、领导传销活动罪,在淮安市清河区法院受审。

لوڭلىچىنىڭ شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ ئاز بېرىلمىگەن.2016-يىلى لوڭلىچىنىڭ بازار دېرىكتورى جاڭ جۈن(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)گە شاخلىتىپ سېتىشنى تەشكىللەش رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغاچقا جۈن ئەن شەھەرلىك چىڭخې رايونلۇق سوت مەھكىسىمى تەرىپىدىن سوت ئېچىلغان.
------------

رايونىمىزدا مۇشۇنداق لوڭلىچى،ئەنرەن،چەكسىز قۇتۇپ،چۈەنجىيەن قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ نامىدا مەھسۇلاتلىرىنى شاخلىتىپ سېتىش شەكلىدە سېتىپ قىلۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.ئەگەر سىزگە ئۈندىدار توپلىرىدا بىز بىۋاستە سېتىش دەپ يۇقىرى پايدا مۇكاپات ۋەدە قىلىپ قىزىقتۇردا ياخشىسى ئېھتىيات قىلىڭ.سىز يۇقىرى پايدىنى كۆزلىسىڭىز ئالدامچىلار دەسمايىڭىزنى كۆزلەيدۇ

سالونىمىزنى قۇشىۋېلىڭ،باشقىلارنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەزمۇنلارنى تارقىتىپ قۇيۇڭ!

    شاخلىتىپ سېتىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۈندىدارنى قۇشسىڭىز توپقا تارتىپ قويىدۇ، توپقا كىرىپ سوراڭ ئامال بار يېزىقچە ئالاقە قىلىڭ،ئاۋاز ئەۋەتمەڭ



تۆەندىكىسى جوڭگو شاخلىتىپ سېتىشقا قارشى پىدائىيلارنىڭ سۇئال جاۋاپ سېستىمىسى بۇ سېستىمىدا لىڭيۈن،خۇاڭيى،لىشۈ قاتارلىق شاخلىتىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى مۇتەخسسىسلەر بار،مەنمۇ بۇ سەپكە قۇشۇلغىلى خېلە بولدى،كۆپچىلىك بۇ سېستىما ئارقىلىق سۇئال سورىسىمۇ بولىدۇ.


标签
扫描二维码关注Uyghur反传联盟 Uyghur反传联盟 微信号:pidaiy-lar

描述:Uyghur反传销志愿者联盟致力于预防传销、曝光传销。شاختىلىپ سېتىشنى ئاشكارلاش،تور ئادامچىلىقىنى ئاشكارلاش.

相关文章
推荐